ئۇيغۇر رايونىدا سۇنئىي مىللەتلەر ئىتتىپاقى تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىلماقتا
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010.10.21
2010.10.21
ئىگىلىنىشىچە، فىلىمنىڭ مەزمۇنى خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندا تەشۋىق قىلىپ كېلىۋاتقان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى سىياسىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، فىلىمدە "شىنجاڭ" قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ بىر چوڭ قورودا ئىناق - ئىجىل، ئۆز - ئارا ياردەم بېرىشىپ بىرلىكتە ياشىغانلىقىدەك مەنزىرە بايان قىلىنغان. تەڭرىتاغ تورى بۇ فىلىمنىڭ "بىر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قەسىدىسى" ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرغان بولسىمۇ، ئەمما رادىئومىزغا كەلگەن ئىنكاسلار بۇ خىل تەشۋىقاتنىڭ ئەكسىچە، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى جىددىيلىكنىڭ ھېلىھەم پەسەيمىگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن ئىدى.
بۇ نوقتىدىن قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر رايونىدا بارلىققا كەلگەن جىددىي ۋەزىيەتنى ئوڭشاش ئۈچۈن تۈرلۈك تەشۋىقات ۋاستىلىرىنى ئىشقا سېلىۋاتقانلىقى، " ئۈرۈمچى" فىلىمىنىڭمۇ دەل خىتاي دائىرىلىرى يولغا قويۇۋاتقان سۇنئىي تەشۋىقاتنىڭ بىرى ئىكەنلىكى مەلۇم بولماقتا.