پەن-تېخنىكا ۋە ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى تور بېتى: مىللىي ۋە دىنىي كەمسىتىش ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتنى ئۆتكۈرلەشتۈرمەكتە

ئامېرىكىدا ئېلان قىلىنىدىغان پەن-تېخنىكا ۋە ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى تور بېتى بۈگۈن مېلبۇرن ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسەن ئېلان قىلغان مۇلاھىزىسىدە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئېتنىك توقۇنۇشلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كەمسىتىشكە ئۇچرىشىنىڭ سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇلاھىزىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ياخشى ۋە يۇقىرى مائاشلىق خىزمەتلەرنىڭ ئاساسەن خىتايلار تەرىپىدىن ئىگىلىۋېلىنغانلىقى، ئەكسىچە ئېغىر ۋە تۆۋەن مائاشلىق ئىشلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى بايان قىلىنىپ، ئىش بازىرىدىكى كەمسىتىشنى ناھايىتى روشەن كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋە مىللىي مەدەنىيىتىگە ھۇجۇم قىلىشىدەك ئەھۋاللارنىڭ ئۇيغۇرلارنى قاتتىق نارازى قىلىۋاتقانلىقى، نەتىجىدە ئۇيغۇر ئېلىدە قانداقتۇر «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» دەيدىغان ئۇقۇمنى رەت قىلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنىڭ بارغانسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.

ھەم «خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە مول نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بازىسى بولغان ئۇيغۇر ئېلىدە ئېتنىك توقۇنۇشلارنىڭ ئەدەپ كېتىشىنى خالىمىسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى خاتالىقلىرىنى تۈزەتمىگۈچە جىددىيلىك يەنە داۋام قىلىدۇ. خىتايلار ۋە ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى توقۇنۇشلار ئۇيغۇر ئېلى تارىخىنىڭ مۇھىم قىسمى بولۇشنى داۋام قىلىدۇ» دەپ ئەسكەرتىلگەن.