ۋاشىنگتوندىكى يىغىندا ئېتنىك زىددىيەتلەرنىڭ بىۋاسىتە سەۋەبچىسى خىتاينىڭ بېسىم سىياسىتى ئىكەنلىكى كۆرسىتىلدى

بۈگۈن ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتون شەھىرىدە «ۋاقىتلىق بومبا-خىتاينىڭ يېڭى رەھبەرلىرى يۈزلىنىۋاتقان ئېتنىك كرىزىس» تېمىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلدى.

يىغىن ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق «پۇقرالار كۈچى» جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان. يىغىندا ئاساسلىق خىتايدىكى ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇل رايونلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان ئېتنىك توقۇنۇشلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى بىلەن بۇ ئېتنىك زىددىيەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتكە ئوخشاش مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

يىغىندا سۆزگە تەكلىپ قىلىنغانلار ئارىسىدا ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئالىم سېيىتوف، خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى تەشكىلاتى مۇئاۋىن باشلىقى باچۇڭ سېرىڭ، جەنۇبىي موڭغۇلىيە كىشىلىك ھوقۇق ئۇچۇر مەركىزى باشلىقى ئېنگېباتۇ توگوچوگ ۋە پۇقرالار كۈچى تەشكىلاتى باشلىقى ياڭ جيەنلىلەر بار. ئالىم سېيتوف ئەپەندى يىغىندا «رايوندىكى ئېتنىك زىددىيەتلەرنىڭ بىۋاسىتە سەۋەبچىسى، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان بېسىم سىياسىتىدۇر» دەپ كۆرسەتكەن.

يىغىن قاتناشقۇچىلىرى بىردەك، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بولمىغان مىللەتلەر ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنىڭ قاتتىق نارازىلىق پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى، ئېتنىك زىددىيەتلەرنىڭ خىتايدا خۇددى پارتلاش ئالدىدا تۇرغان بىر بومبىغا ئوخشاپ قالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى يېڭى رەھبەرلەرنى مەسىلىگە سەل قارىماي سىياسىتىنى ئۆزگەرتىش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان.