ئۆسمۈر مىرزاھىد ئامانۇللاھنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى ئۇيغۇر ئېلىدە يەنە بىر مەيدان قاتتىق زەربە بېرىشكە سەۋەب قىلىنماقتا

خىتاينىڭ «شىنجاڭ گېزىتى» دە بۈگۈن ئېلان قىلىنغان بىر ئوبزوردىكى چاقىرىقتىن قارىغاندا، 12 ياشلىق ئۆسمۈر مىرزاھىد ئامانۇللاھنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى ئۇيغۇر ئېلىدە يەنە بىر مەيدان قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىگە سەۋەب قىلىنماقچى.

«قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە قەتئىي زەربە بېرەيلى» ماۋزۇلۇق مەزكۇر ئوبزوردا، كورلىدا خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن قىيىن-قىستاقتا ئۆلتۈرۈلگەن مىرزاھىد ئامانۇللاھنىڭ ئۆلۈم سەۋەبى بۇرمىلاپ كۆرسىتىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەر ئاستى مەدرىسە ۋە مۇدەررىسلەر قالاقلىق ۋە زوراۋانلىق بىلەن ئەيىبلەنگەن.

ئوزبوردا يەنە، دىنىي تەلىم قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت، دەپ تەنقىد قىلىنىپ، ئۇنىڭغا قاتتىق زەربە بېرىش تەشەببۇس قىلىنغان.

ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر مەزكۇر ئوبزوردىكى چاقىرىقىنى، ئۇيغۇر رايونىدا، بولۇپمۇ كورلىدا داۋام قىلغۇسى يەنە بىر مەيدان قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ باشلىنىشى، دەپ قاراشماقتا.

مىرزاھىد ئامانۇلللاھنىڭ ئۆلۈمى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى يۈز بەرگەن. 5-ئاينىڭ 23-كۈنى رادىئومىز بۇ ھەقتە خەۋەر بەرگەن. ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسى 6‏-ئاينىڭ 1-كۈنى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، مىرزاھىد ئامانۇللاھنىڭ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈشىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن. 15 كۈنگىچە ۋەقەنى ئاخباراتتىن يوشۇرۇپ كەلگەن خىتاي ھۆكۈمىتى، 6-ئاينىڭ 4-كۈنىگە كەلگەندە ۋەقەنى تۇنجى قېتىم خەۋەر قىلغان. نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەقەگە قارىتا ئىنكاسىنى قۇتراتقۇلۇق بىلەن ئەيىبلىمەكتە.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۈگۈن رادىيومىزغا بەرگەن باياناتىدا، خىتاينىڭ مەزكۇر ۋەقەنى 15 كۈن سىر تۇتۇشىنىڭ ئۆزىلا، مىرزاھىد ئامانۇللاھنىڭ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنىڭ يېتەرلىك ئىسپاتى، دەپ كۆرسەتتى.