رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مىسىرنىڭ يېڭى ئاساسى قانۇنى بويىچە پرېزىدېنتلىق مۆھلىتى 4 يىل قىلىپ بېكىتىلگەن بولۇپ، ئەمما پرېزىدېنتنىڭ ئىككىنچى نۆۋەت ۋەزىپە ئۆتەش سالاھىيىتى بولمايدۇ. خەلقنىڭ ھەربىيلەرنى ۋە ھۆكۈمەتنى نازارەت قىلىش ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ. ئەگەردە 15 - دېكابىر كۈنىدىكى خەلق رايىنى سىناشتا مەزكۇر ئاساسىي قانۇن قوبۇل قىلىنسا، 60 كۈن ئىچىدە يېڭى پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەك ئىكەن.
بۇ ئاساسىي قانۇن بويىچە پرېزىدېنتنىڭ ھوقۇق دائىرىسىمۇ چەكلىمىگە ئۇچرايدىغان بولۇپ، مۇبارەك دەۋرىدىن زور پەرقلىق بولىدۇ.
يېڭى ئاساس قانۇن نۇسخىسىنى ئاساسىي قانۇن بېكىتىش كومىتېتىنىڭ 85 نەپەر ئەزاسى مورسىغا سۇنغان بولۇپ، ئەمما ئۆكتىچى گۇرۇھلار يەنىلا مەزكۇر ئاساسىي قانۇندىكى بەزى ماددىلارغا نارازىلىق قاراشلىرىدا بولماقتا.
شەنبە كۈنى قاھىرەدە 200 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم نامايىش قىلىپ، يېڭى ئاساسىي قانۇن قوبۇل قىلىشنى قوللىغان.