مىسىر غەززە رايونى بىلەن چېگرىلىنىدىغان رافا ئېغىزىنى مەڭگۈلۈك قايتا ئاچقانلىقىنى جاكارلىدى

مىسىر دائىرىلىرى شەنبە كۈنى غەززە رايونى بىلەن چېگرىلىنىدىغان رافا ئېغىزىنى مەڭگۈلۈك قايتا ئاچقانلىقىنى جاكارلىدى.

ھالبۇكى، قارار ئىسرائىلىيە دائىرىلىرىدە خەۋپسىزلىك ئەندىشىسى پەيدا قىلدى. مەزكۇر چېگرا ئېغىزىنى 2007-يىلى خاماسقا زەربە بېرىش ئۈچۈن ئىسرائىل ۋە مىسىر دائىرىلىرى بىرلىكتە تاقىۋەتكەن ئىدى.

چېگرا قايتا ئېچىلىپ 2007-يىلىدىن بۇيان سىرتقى دۇنيا بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلگەن پەلەستىنلىكلەر شەنبە كۈنى مىسىرغا كىرىشكە باشلىغان.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، مىسىر ھۆكۈمىتى بۇ نۆۋەتلىك قارارىدا ھەر كۈنى پەلەستىندىن مىسىرغا كىرىدىغانلار سانىنى 300 نەپەر چەكلىمىسىدە تۇتۇپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شەنبە كۈنى تۇنجى بولۇپ 300 نەپەر پەلەستىنلىك مىسىرغا كىرگەن.

ھالبۇكى، شەنبە كۈنى ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نەتانياھۇ مىسىرنىڭ مەزكۇر قارارىنى ئەيىبلىگەن. مىسىر دائىرىلىرى غەززىگە قورال كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان تەدبىرلەرنىڭ ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈلگەن.

رافا چېگراسى بۇ يىل يانۋاردىن باشلاپ مىسىردا دوختۇرغا كۆرۈنىدىغان پەلەستىنلىكلەر ئۈچۈن ئاندا-ساندا ئېچىلغان ئىدى.

غەززە 1مىليون 500 مىڭغا يېقىن نوپۇسقا ئىگە. مەلۇم بولۇشىچە، نەچچە يىللاردىن بۇيانقى چېگرا تاقاش مەزكۇر رايوندىكى خەلقلەرنى ئېغىر ھالسىراتقان.