مىسىر ئالىي سوت مەھكىمىسى مۇبارەكنى قايتا سوتلاشنى قارار قىلدى

مىسىر ئالىي سوت مەھكىمىسى سابىق مىسىر پرېزىدېنتى ھۈسنى مۇبارەكنى سوتلاپ، ئۇنىڭغا ئۆمۈرلۈك جازا ئېلان قىلغاندىن كېيىن، مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر داۋاملىق تۈردە ئۇنىڭ خەلقنى باستۇرغان جىنايى قىلمىشلىرىغا ئائىت يىپ ئۇچۇرلىرىنى تېپىپ چىققان ھەمدە ئۇنى قايتا سوتلاشنى تەلەپ قىلغان.


ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئالىي سوت مەھكىمىسى مۇبارەكنىڭ قايتىدىن سوتلىنىشىدا ئۇنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ پارىخورلۇق قىلمىشلىرىمۇ ئاساس بولغان. تەپتىش دائىرىلىرى مۇبارەكنىڭ خەلقنى باستۇرۇشىغا مۇناسىۋەتلىك يېڭىدىن كۆپلىگەن جىنايى قىلمىشلارنى ئىگىلىگەن بولۇپ، بۇ قېتىمقى قايتا سوتلاشتا مۇبارەككە تېخىمۇ ئېغىرراق جازا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.

84 ياشلىق مۇبارەكنىڭ سالامەتلىكى ناچار بولۇپ، داۋالىنىش ئاستىدا تۇرماقتا. مۇبارەكنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئۇنى سوتلاشقا ئىزچىل نارازى بولۇپ كەلمەكتە.