مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمىيىتىنىڭ ۋەكىلى مىسىر پرېزىدېنتلىق سايلىمىدا غەلىبە قىلدى

ئالدىنقى ھەپتىدە ئۆتكۈزۈلگەن مىسىردىكى پرېزىدېنتلىق سايلىمىدا مۇبارەك دەۋرىدىكى سابىق باش مىنىستىر ئەخمەت شافىق بىلەن مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمىيىتىنىڭ ۋەكىلى مۇھەممەد مورسى سايلامغا چۈشۈپ، نەتىجىدە ھەر ئىككىلىسىلا سايلامدا غەلىبە قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. بىراق ئارقىدىن بۇ ئىككى ئادەم ئۈستىدە ئىككىنچى قېتىم سايلام ئۆتكۈزۈلۈپ، نەتىجىدە مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمىيىتىنىڭ ۋەكىلى مۇھەممەد مورسىنىڭ غەلىبە قىلغانلىقى يەكشەنبە كۈنى رەسمىي ئېلان قىلىندى.

مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمىيىتىنىڭ ۋەكىلى مىسىر پرېزىدېنتلىق سايلىمىدا غەلىبە قىلدى ئالدىنقى ھەپتىدە ئۆتكۈزۈلگەن مىسىردىكى پرېزىدېنتلىق سايلىمىدا مۇبارەك دەۋرىدىكى سابىق باش مىنىستىر ئەخمەت شافىق بىلەن مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمىيىتىنىڭ ۋەكىلى مۇھەممەد مورسى سايلامغا چۈشۈپ، نەتىجىدە ھەر ئىككىلىسىلا سايلامدا غەلىبە قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. بىراق ئارقىدىن بۇ ئىككى ئادەم ئۈستىدە ئىككىنچى قېتىم سايلام ئۆتكۈزۈلۈپ، نەتىجىدە مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمىيىتىنىڭ ۋەكىلى مۇھەممەد مورسىنىڭ غەلىبە قىلغانلىقى يەكشەنبە كۈنى رەسمىي ئېلان قىلىندى. رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مۇھەممەد مورسى 51%ۋ ئاۋازغا ئېرىشكەن بولۇپ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن قاھىرەدىكى تاھرىر مەيدانىدا داغدۇغىلىق تەبرىكلەش مۇراسىملىرى ئۆتكۈزۈلگەن. مۇھەممەد مورسى 60 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئۇ ئامېرىكىدا ئوقۇغان ھەمدە مۇبارەك دەۋرىدە تۈرمىدە ياتقان، ئەسلى كەسپى قۇرۇلۇش ئىنجېنېرى ئىدى. شۇنداق قىلىپ، مىسىردا ھۈسنى مۇبارەك يىقىتىلغاندىن كېيىن رەسمىي تۈردە ئىسلامىي گۇرۇپپا ھاكىمىيەتنى ئىگىلەش دەۋرىگە كىردى.