مىسىردا پرېزىدېنت سايلىمى بولدى

ھۆسنى مۇبارەك يىقىلغاندىن كېيىنكى تۇنجى پرېزىدېنت سايلىمى مىسىردا بولۇپ ئۆتتى. يەكشەنبە كۈنى پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ ئاخىرقى كۈنى بولۇپ، ھۆسنى مۇبارەك دەۋرىدە باش مىنىستىر بولغان سابىق مىسىر ھاۋا ئارمىيە قوماندانى ئەخمەد شافىق بىلەن مىسىردىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمىيىتىنىڭ نامزىتى مۇھەممەد مۇرسى مىسىر پرېزىدېنتىلىق ئورنى ئۈچۈن سايلامغا چۈشكەن ئىدى.

0:00 / 0:00

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۇرغۇن كىشىلەر ھۆسنى مۇبارەك دەۋرىدە باش مىنىستىر بولغان شافىنىڭ قايتا سايلامغا چۈشۈپ، پرېزىدېنت بولۇشىدىن نارازى بولغان، ئەمما ھازىرچە سايلامنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسى چىقمىغان. لېكىن، مىسىردا ھۆسنى مۇبارەك ھۆكۈمىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، دېموكراتىيىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ھەرىكەتلىرىدە مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمىيىتى مۇھىم رول ئوينىغان بولۇپ، بۇ تەشكىلاتنىڭ ئاۋام خەلق ئىچىدىكى تەسىرىمۇ كۈچلۈك ئىكەن.