مىسىر ھەربىي دائىرىلىرى يېڭى پرېزىدېنتقا ھوقۇق ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
مىسىر ھەربىي دائىرىلىرى بۈگۈنكى مۇخبىرلار يىغىنىدا، يېڭىدىن سايلانغان مىسىر پرېزىدېنتىغا ھەربىي ھوقۇقنى ئاي ئاخىرىدا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە ۋەدە بەردى. مىسىر ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسى، بۇلتۇر ئېلىپ بېرىلغان پارلامېنت سايلىمى ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ بولغان، دەپ ھۆكۈم چىقاردى.
خەۋەر ئېيتىلىشىچە، مىسىر ھەربىي كومىتېتى تۈنۈگۈنكى باياناتىدا: ھەربىي كومىتېتنىڭ دۆلەت مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ھەر قانداق ماددىنى رەت قىلىش ھوقۇقى بار، دەپ جاكارلىغاندا، مۇسۇلمان قېرىنداشلار جامائىتىنىڭ باياناتچىسى كاتاتنىي بۇ باياناتقا قارشى تۇرۇپ: ھەربىي كومىتېتنىڭ بۇ باياناتى ئىناۋەتسىز، دەپ جاكارلىغان ئىدى.