خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ 28-ئاۋغۇست سەيشەنبە كۈنى مىسىرنىڭ يېڭى پرېزىدېنتى مۇھەممەد مۇرسىنى كۈتۈۋالغانلىقى خەۋەر قىلىنىپ، مىسىر پرېزىدېنتىنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە خىتاي بىلەن مىسىر ئوتتۇرىسىدا ئاساسى ئەسلەھە قۇرۇلۇشلىرى، ئېلىكتېر ئېنېرگىيىسى قاتارلىق بىر يۈرۈش ئىقتىسادى ھەمكارلىق كېلىشىملىرى ئىمزالىنىدىغانلىقى خەۋەر قىلىندى.
ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە، مىسىر ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ خەۋىرى نەقىل ئېلىنىپ، خىتاينىڭ مىسىرغا 300 دانە ساقچى ئاپتوموبىلى سېتىپ بېرىشنى بىلدۈرگەنلىكى خەۋەر قىلىندى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھەممەد مورسىدىن مىسىردا ۋەزىيەتنىڭ مۇقىم بولۇشنى ئۈمىد قىلغانلىقى بايان قىلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەرەب باھارى ھەرىكىتى تەسىرىدىن ئەنسىرەش ئىچىدە تۇرۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
