خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدىن كېلىپ مىسىردا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى مۇكاپاتلىدى
2013.01.31
مىسىردىكى خىتاي ئەلچىخانىسى بۇنداق پائالىيەتنى 2011-يىلىدىن تارتىپ تەسىس قىلغان بولۇپ، ھازىر تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرگە كېڭەيتىلدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەخسۇس ھالدا ئۇيغۇر ئېلىدىن ئۆز خىراجىتى بىلەن چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى مۇكاپاتلىشى ۋە بۇ مۇكاپاتنىڭ مەقسىتى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۈچلۈك مۇنازىرە پەيدا قىلغان ئىدى.
خىتايدىكى شىنجۇ مائارىپ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي باش ئەلچى سۇڭ ئەيگو مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارغا مۇكاپات تارقىتىشنىڭ مەقسىتىنى ۋەتەننىڭ غەمخورلۇقىنى يەتكۈزۈش، دەپ شەرھلىگەن. ئۇ شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن ۋەتەنگە قايتىپ، ۋەتەن ۋە يۇرت ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا چاقىرغان.
بۇنداق مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىملىرى ئىلگىرى ياپونىيە، سۈرىيە، تۈركىيە ۋە ھەتتا سەئۇدى ئەرەبىستاندىمۇ ئۆتكۈزۈلگەن. ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر تۇيۇقسىزلا ئوتتۇرىغا چىققان بۇ ئوقۇش ياردەم پۇلىنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنى كونترول قىلىشتىن ئىبارەت سىياسىي مەقسەتتە تارقىتىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.