مىسىر پرېزىدېنتى مىسىرنىڭ ئىككى نەپەر ھەربىي قوماندانىنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى

دېموكراتىك سايلام ئارقىلىق تەختكە چىققان مىسىر پرېزىدېنتى مۇھەممەد مورسى تۈنۈگۈن بىر پەرمان ئېلان ئېلان قىلىپ، مىسىر دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۈسەيىن تانتاۋى بىلەن مىسىر قوراللىق قىسىم باشلىقى سامى ئىناننىڭ دەم ئېلىشقا چىقىرىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

بۇنىڭ بىلەن مىسىردا ھەربىي ھاكىمىيەتكە تەلتۆكۈس خاتىمە بېرىشنىڭ يەنە بىر قەدىمى بېسىلدى. مىسىر 1962-يىلدىن باشلاپ ھەربىيلەر تەرىپىدىن ئىدارە قىلىنىۋاتقان بولۇپ، بۇلتۇر ھۇسنى مۇبارەك تەختتىن چۈشكەندىن كېيىن، مىسىر ھەربىي ئىشلار كېڭىشى ھوقۇقنى ئۆتكۈزۈۋالغان. پرېزىدېنت مورسى يەنە دەم ئېلىشقا چىقىرىلغان ئىككى ھەربىي ئەمەلدارغا ھەربىي ئىشلاردا كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى ئۈچۈن شەرەپ مېدالى بەرگەن ۋە پرېزىدېنت مەسلىھەتچىسى قىلىپ تەيىنلىگەن.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، ھۈسەيىن تانتاۋى قاتارلىق ھەربىي ئەمەلدارلار تېخى بۇ پەرمانغا ئاشكارا بىر ئىنكاس قايتۇرمىغان. مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندىن بۇيان سايلام ئارقىلىق تەختكە چىققان مۇھەممەد مورسى بىلەن، مۇبارەك دەۋرىدىن قالغان ھەربىي ئەمەلدارلار ئارىسىدا بىر تۈركۈم مەسىلىلەردە ئىختىلاپ تۇغۇلغان.

پرېزىدېنت مورسى ئۆتكەن ھەپتە مىسىرنىڭ ئىستىخبارات ئىشلىرى ئەمەلدارىنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغان؛ نۆۋەتتە پرېزىدېنت مورسىنىڭ مەزكۇر پەرمانىنىڭ مىسىر ۋەزىيىتىدە ئىجابىي ياكى سەلبىي رول ئوينىشى خەلقئارا جامائەت تەرىپىدىن دىققەت بىلەن كۆزىتىلمەكتە.