خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇڭ لېينىڭ چارشەنبە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، مىسىرنىڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىدىن بولغان مەزكۇر ئىسلامچى پرېزىدېنتى 28-ئاۋغۇستتىن باشلاپ خىتاينى 3 كۈن زىيارەت قىلىپ، بەزى ھەمكارلىق كېلىشىملىرىنى ئىمزالايدىكەن ۋە ئىككى تەرەپ كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا، رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىكەن. بىراق خۇڭ لېي، قانداق كېلىشىملەرنى ئىمزالايدىغانلىقى ۋە قانداق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي ئۇچۇر بەرمىگەن.
ئۇنىڭ بېيجىڭ سەپىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رامزاننى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارىتىلغان دىنىي ياساقنى كۈچەيتكەن، بەزى رايونلاردا روپاش ئاياللارنىڭ كوچىغا چىقىشى، دۇكان، دوختۇرخانا، ئاممىۋى سورۇنلارغا كىرىشىنى چەكلەش قاتارلىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، غەرب ئەللىرى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان مەزگىلگە توغرا كەلگەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مۇرسىنىڭ خىتاينى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان شۇ كۈنى يەنە، مىسىر پرېزىدېنتىنىڭ باياناتچىسى ياسېر ئېلى مۇرسىنىڭ 23-سېنتەبىردىن باشلاپ ئامېرىكىنى 3 كۈنلۈك زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
مۇسۇلمان قېرىنداشلار نىڭ مىسىردىكى سايلامدا غەلىبە قىلىشى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، ئۇلارنىڭ غەربكە قارشى پىلانى بار-يوقلۇقىنى تەقىب ئاستىغا ئالغان. لېكىن مۇسۇلمان قېرىنداشلار يېقىندا ۋاشىنگتونغا ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتىپ، ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيپەرۋەر ئىسلامى تەشكىلاتى ئىكەنلىكى ۋە ئامېرىكىغا قارشى پىلانى يوقلۇقىنى چۈشەندۈرگەن.
دىلشات رىشىتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مۇرسىدەك دىندار بىر مۇسۇلمان پرېزىدېنتىنىڭ خىتاي زىيارىتى، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشنى تەلەپ قىلىشنىڭ ياخشى پۇرسىتى.