مىسىردىكى ئۆكتىچىلەر تېخىمۇ زور كۆلەملىك نامايىش ئۇيۇشتۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

مىسىر پايتەختى قاھىرەدە ئۆتكەن ھەپتىنىڭ سەيشەنبە كۈنى پارتلىغان نامايىش، بۈگۈن 7-كۈنىگە قەدەم قويدى.

خەلقئارا ئاخبارات ئاگېنتلىقلىرىدا مىسىر ۋەزىيىتى قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان بولۇپ، ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 31-يانۋار نەچچە مىڭلىغان مىسىرلىقلار ھۆكۈمەتنىڭ قاھىرەدە نارازىلىق پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشنى چەكلەش بۇيرۇقى ھەم ساقچىلارنىڭ تىك ئۇچار ئايروپىلانلىرىنىڭ قاھىرە ئاسمىنىدا تۆۋەن ئۇچۇپ، نازارەت قىلىشىغا قارىماستىن، پارلامېنت ئالدىدىكى مەيدانغا يىغىلىپ نامايىش قىلغان.

ئۇلار نامايىش جەريانىدا مىسىردا 30 يىلغا يېقىن ھۆكۈمرانلىق قىلغان پرېزىدېنت مۇبارەكنىڭ تەختتىن چۈشۈشىنى تەلەپ قىلىپ شوئار توۋلىغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، مىسىردىكى ئۆكتىچىلەر ئەتە 1-فېۋرال كۈنى پايتەخت قاھىرەدە مىليون كىشىلىك نامايىش قوشۇنى تەشكىللەيدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

مىسىردىكى نامايىش جەريانىدا نامايىشچى ئامما بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، 31-يانۋارغا قەدەر نامايىشچىلار ھەم ساقچىلار تەرەپتىن 100 دىن ئارتۇق ئادەم نامايىش جەريانىدا ئۆلگەنلىكى مەلۇم بولماقتا.