بۈگۈن جەنۇبىي موڭغۇلىيىدە يايلاقلارنىڭ ئىگىلىۋېلىنىشىغا قارشى نامايىش بولدى
جەنۇبىي موڭغۇلىيە كىشىلىك ھوقۇق ئۇچۇر مەركىزىنىڭ بايان قىلىشىچە، 6 - ئاينىڭ 19 - كۈنى جەنۇبىي موڭغۇلىيە ئوراد ناھىيىسىنىڭ باياننۇر شەھەرچىسىدە بىر نەچچە يۈز چارۋىچى كوچىغا چىقىپ، يايلاقلارنىڭ خىتايلار تەرىپىدىن ئىگىلىۋېلىنىشىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى. نامايىشچىلار «چىرىك ئەمەلدارلار يايلاقتىن چىقسۇن!»، «چارۋىچىلارغا ئادالەت!» ، «چارۋىچىلار تارتقان زىياننى تۆلەپ بەرسۇن!» دەپ شۇئار توۋلاپ ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىغا توپلاندى.
مۇخبىرىمىز ۋەلى
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ساقچىلىرى بۇ تىنچ نامايىشقا دۈشمەنلىشىپ، يوللارنى قامال قىلىپ، ئۇياق - بۇياقتا مىلتىق ئېتىپ، نامايىشچىلارغا تەھدىت سالغان.