موڭغۇلىيىدە ئەنئەنىۋى چېلىشچىلىق ۋە دىنىي ئېتىقات ئەۋج ئالماقتا

بۇنىڭدىن 18 يىل بۇرۇن، موڭغۇلىيىدە كوممۇنىزم تۈزۈمى گۇمران بولغاندىن كېيىن، ئىقتىسادىي ۋە ئەخلاقى جەھەتتە قالايمىقانچىلىق چىققان، بۇ بوشلۇقنى ئەنئەنىۋى ئادەت ۋە دىنىي ئېتىقات تولدۇرغان.

ب ب س مۇخبىرى روبېرتنىڭ بايان قىلىشىچە، موڭغۇل باتۇرى ئوبرازىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىلگەن سلاۋىيان باتۇرىنىڭ ھەيكىلى، يەنى سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىكى سوتسىيالىزمنىڭ دىنسىزلىق سىمۋولى بولغان بىر چوڭ ھەيكەل ھازىرمۇ ئۇلانباتۇر شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغدا تېخىچە كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ تەسىرى ئاللىقاچان يوقالغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، موڭغۇللار مىلادى 16 ‏ - ئەسىردىن باشلاپ 20 - ئەسىردە كوممۇنىزم كىرگىچە، پۈتۈنلەي لاما دىنىغا ئېتىقات قىلىپ كەلگەن ئىدى. باتا ئىسىملىك بىر چارۋىچى ئۇلانباتۇر يايلاقلىرىدىكى بىر چېدىردا تۇرۇپ ب ب س مۇخبىرىغا سۆزلەپ بېرىشىچە، موڭغۇلىيىدە كوممۇنىزم گۇمران بولغاندىن كېيىن، ناخشا - ئۇسۇلغا ئامراق موڭغۇللاردا، ئازاپ - ئوقۇبەتكە چىداشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان بۇددا دىنىدىن ۋاز كېچىپ، خرىستىيان دىنىغا كىرىش ئەۋج ئېلىشقا باشلىغان. موڭغۇللاردا ھازىر بۇددا دىنىمۇ، خرىستىيان دىنىمۇ مەۋجۇت، بۇ ھەر ئىككى دىن موڭغۇلىيىدە كوممۇنىزم ئەخلەتلىرىنى تازىلاشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان.

بۇنداق شارائىتتا، باتۇرلۇقنى ئىپادىلەيدىغان ئەنئەنىۋى چېلىشچىلىق تېخىمۇ ئەۋج ئالغان. ھازىر ئەنئەنىۋى بايرام كەلسىلا، موڭغۇلچە چېلىشىش مۇسابىقىسى بولىدىكەن ۋە موڭغۇلچە ناغرا، سۇناي بىلەن غەربچە گىتار تەڭكەش قىلىنىپ، سەكرىمە ئۇسۇل بىلەن تولغىما ئۇسۇل تەڭ ئوينىلىدىكەن.