بىر نەپەر خىتاي شوپۇر يەنە بىر موڭغۇل چارۋىچىنى ماشىنىسى بىلەن سوقۇپ ئۆلتۈرگەن

خىتايلار ئىچكى موڭغۇلىيە دەپ ئاتاۋاتقان جەنۇبىي موڭغۇلىيىدە، تۈنۈگۈن بىر نەپەر خىتاي شوپۇر يەنە بىر موڭغۇل چارۋىچىنى ماشىنىسى بىلەن سوقۇپ ئۆلتۈرگەن.

ئوخشاش ۋەقە بۇ يىل 5-ئايدىمۇ بىر قېتىم يۈز بېرىپ، رايوندىكى موڭغۇللارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى قوزغىلىشىغا سەۋەب بولغان ئىدى.

رويتېرس قاتارلىق خەلقئارالىق ئاگېنتلىقلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قېتىمقى ۋەقەمۇ ئۆتكەنكىگە ئوخشاشلا يەر ماجىراسى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان. ئۆلگۈچىنىڭ ئىسمى زورىگىت بولۇپ، ۋەقە مۇشۇ ئاينىڭ 20-كۈنى ئوردوس شەھىرىدە يۈز بەرگەن. خىتاي دائىرىلىرى مۇخبىرلارغا ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، تەپسىلاتى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەن.

ئامېرىكىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان، جەنۇبىي موڭغۇلىيە ئىنسان ھەقلىرى ئۇچۇر مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى زورىگىت قاتارلىق چارۋىچىلار ئۆز يايلاقلىرىدىن قالايمىقان ئۆتكەن خىتاي شوپۇرلار بىلەن توقۇنۇشقان. توقۇنۇشتا بىرقانچە كىشى يارىدار بولغان ۋە چارۋىچى زورىگىت ئۆلگەن.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، جەنۇبىي موڭغۇلىيىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئېچىش ۋە قېزىش ھەرىكەتلىرى، يەرلىك خەلق بولغان موڭغۇللارغا ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ئېغىر زىيان كەلتۈرمەكتە ھەم بۇ سەۋەبتىن ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى زىددىيەت بارغانسېرى ئۆتكۈرلەشمەكتە.