گەرچە يەرلىك دائىرىلەر تەدبىر قوللىنىپ، نامايىشنى بېسىقتۇرۇشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، لېكىن موڭغۇل چارۋىچىلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى جۈمە كۈنى يەنە داۋاملىق نامايىش قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
شېلىنغول ئايمىقىدىكى نامايىش كۆمۈر توشۇيدىغان بىر خىتاي يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرىنىڭ بىر موڭغۇل چارۋىچىنى دەسسەپ ئۆلتۈرۈۋېتىشى سەۋەبلىك پارتلىغان ئىدى.
گەرچە دائىرىلەر ئىككى خىتاينى قولغا ئېلىپ، قاتتىق بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ موڭغۇللارنى قايىل قىلالمىغان ئىدى. يەرلىك ئاممىنىڭ رادىئومىزغا خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى جۈمە كۈندىن باشلاپ شېلىنغول ئايمىقىدا ھەربىي ھالەت يولغا قويغان.
مەركىزى نيۇ يوركتىكى جەنۇبىي موڭغۇلىيە كىشىلىك ھوقۇق ئۇچۇر مەركىزىنىڭ باشلىقى ئىنخىباتۇ تۇغۇچۇق، جۈمە كۈنى نەچچە يۈز موڭغۇلنىڭ ھەربىي ھالەتكە قارىماي، يەنە نامايىش قىلىپ، موڭغۇل چارۋىچىلىرىنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتى ۋە كىشىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
شېلىنغول ئايمىقىنىڭ ئۇجۇمچىن خوشۇنىدا تۈنۈگۈن ئېلىپ بېرىلغان نامايىشتا 4 نەپەر موڭغۇل ئوقۇغۇچىنىڭ يارىلانغانلىقى، بىر ئوقۇغۇچى خىتاي قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنىڭ ھەربىي ئاپتوموبىلى تەرىپىدىن دەسسىلىپ، ئېغىر يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.
جەنۇبىي موڭغۇلىيە كىشىلىك ھوقۇق ئۇچۇر مەركىزىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، نامايىشچىلار «موڭغۇللارنىڭ ھوقۇقىنى قوغدايلى»، «ئانا يۇرتنى قوغدايلى» دېگەندەك شوئارلارنى توقلىغان.
ئىچكى موڭغۇلدىكى بۇ ۋەقە دەل خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرا شەرق ئەللىرىدە پارتلىغان خەلق ئىنقىلابىدىن قورقۇپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدە، جۈملىدىن تىبەت بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدە ھەرخىل بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتكەن بىر ۋاقىتتا يۈز بەردى.