ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ شىلىنغول ۋىلايىتىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە پەيشەنبە كۈنى چۈش مەزگىلىدە يەنە 2000 دىن ئارتۇق موڭغۇل نامايىشقا قاتناشقان.
نامايىش جەريانىدا ئوقۇغۇچىلارنى ئاساس قىلغان نامايىشچىلار قوشۇنى بىلەن ۋەزىيەتنى كونترول قىلىشقا چىققان ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن. توقۇنۇش جەريانىدا يارىلانغان نامايىشچىلار قۇتقۇزۇش ئۈچۈن دوختۇرخانىلارغا ئېلىپ بېرىلغان.
ياپونىيىدىكى ئىچكى موڭغۇل خەلق پارتىيىسىنىڭ باش كاتىپى كېرىد كۇۋاسگالت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىچكى موڭغۇل رايونىدا ۋەزىيەت جىددىيلەشكەن. خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى رايوندىكى ۋەزىيەتنى كونترول قىلىشقا زور تۈركۈمدىكى ساقچى ھەم قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنى ئاجراتقان.
ئەمما ھەرقايسى ناھىيىلەردىكى موڭغۇل ئوقۇغۇچىلار، موڭغۇل چارۋىچىلار ھەم موڭغۇل ئاھالىلىرى ئۆز ناھىيىسى ھەم يېزىلىرىدىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرى بىناسى ئالدىغا يىغىلىپ ھۆكۈمەتتىن موڭغۇللارنىڭ مىللىي مەنپەئىتى ھەم ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداشنى تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلغان.
جەنۇبىي موڭغۇلىيە ئۇچۇر مەركىزىنىڭ خادىمى دۈگۈرجاب ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر موڭغۇل تور بەتلىرىدە، جەنۇبىي موڭغۇلىيە ھەم چەتئەللەردىكى موڭغۇللارنى داۋاملىق نامايىش قىلىشقا چاقىرىق قىلىنغان.
دۈگۈرجاب ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چەتئەللەردىكى موڭغۇل تەشكىلاتلىرى يەنە ئۆز تور بەتلىرى ھەم فەيسبوك قاتارلىق تور بېكەتلىرىدە مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى تىبەت ھەم ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزۈشكە چاقىرغان.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكىدىكى موڭغۇللار پايتەخت ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا، 29-ماي كۈنى خىتايدىكى خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ مىللىي مەنپەئىتىنى ھەم قانۇندا بەلگىلەنگەن ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداشنى تەلەپ قىلىپ نامايىشى ئېلىپ بارىدىكەن.