خىتاي موڭغۇللارنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇشقا بەل باغلىدى

رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھازىر ئىچكى موڭغۇلدا بىر ئايلىق باستۇرۇش ھەرىكىتىنى باشلىدى. خىتاي باياناتىدا، ئىچكى موڭغۇلدا توپىلاڭ كۆتۈرگەن كىشىلەرنى قاتتىق جازالايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

بۇنىڭ بىلەن تەڭ، بېيجىڭ دائىرىلىرى ئىچكى موڭغۇلنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا قوراللىق قىسىملارنى ئورۇنلاشتۇردى. مەكتەپلەردە ھەربىي ھالەت جاكارلىدى. بۇ رايوننىڭ تېلېفون مۇلازىمىتىنى نازارەت ئاستىغا ئالدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جياڭ يۈ تۈنۈگۈن، ئىچكى موڭغۇلدا يۈز بەرگەن نارازىلىق ھەرىكەتلەرنى چەتئەللەردىكى دۈشمەن كۈچلەر قۇتراتقان دەپ جاكارلىغان ئىدى، ئەمما خىتاي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى بۇ سۆزنى خەۋەر تېكىستىدىن تەھرىرلەپ چىقىرىۋەتتى.

خوڭكوڭ ئۇنىۋېرسىتېتتىكى خەلقئارا مۇناسىۋەت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، ئىچكى موڭغۇلدا قوزغالغان يايلاق قوغداش ھەرىكىتى، ھەتتا موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن بىرلىشىش ياكى بىرلەشمەسلىك ھەققىدە ئومۇم خەلق ئاۋاز قويۇش تەشەببۇسىنى غۇلغۇلا قىلىش، خۇددى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە تىبەتلەرنىڭ خىتايغا ئىپادىلىگەن نارازىلىق ھەرىكەتلىرىگە ئوخشاش. بولۇپمۇ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ نەمۇنىسى دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان ئىچكى موڭغۇلدا بۇنداق مىللىي نارازىلىقنىڭ شىددەتلىك تۈستە ئۇرغۇپ چىقىشى خىتاينى تېخىمۇ بەك ئەنسىرەتتى.