موڭغۇل سىياسىي ئۆكتىچى خادا ئاچلىق ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن

موڭغۇل سىياسىي ئۆكتىچىلىرىدىن خادا ئاچلىق ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنى ۋە ئايالى ۋە ئوغلىنى داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىغا نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن.

مەركىزى ئامېرىكىنىڭ نيۇ يورك شەھىرىدىكى جەنۇبىي موڭغۇلىيە كىشىلىك ھوقۇق ئۇچۇر مەركىزىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خادانىڭ سىڭلىسى نارا يېقىندا مەزكۇر تەشكىلاتقا مەلۇمات بېرىپ، خىتاي ئامانلىق دائىرىلىرىنىڭ نەزەربەندى ئاستىدىكى خادانىڭ ئاچلىق ئېلان قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خادا 1995‏-يىلى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن «جاسۇسلۇق»، «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ، 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.

ئۇ 2010‏-يىلى 12-ئايدا قويۇپ بېرىلىشكە تېگىشلىك بولسىمۇ، لېكىن دائىرىلەر ئۇنى داۋاملىق نەزەربەند قىلىپ، ھازىرغا قەدەر تۇتۇپ تۇرغان شۇنداقلا بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ئوغلى ۋە ئايالىنى تۇتقۇن قىلغان ئىدى.

جەنۇبىي موڭغۇلىيە كىشىلىك ھوقۇق ئۇچۇر مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى خادانىڭ ئايالى شىننا بىلەن ئوغلى ئۇلىئۇسنى «قانۇنسىز سودا قىلىش»، «قانۇنسىز زەھەرلىك چېكىملىك ساقلاش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ تۇتقۇن قىلغان.

خادا ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋاباتىنىڭ ئوخشىمىغان يەرلەردە ئايرىم-ئايرىم تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

جەنۇبىي موڭغۇلىيە كىشىلىك ھوقۇق ئۇچۇر مەركىزى خادانىڭ كۆخوت خەلقئارا ئايرودرومىنىڭ ئەتراپىدىكى بىر مەخپىي تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خادا ئىلگىرى «جەنۇبىي موڭغۇلىيە دېموكراتىك ئىتتىپاقى» دەيدىغان بىر تەشكىلاتنى قۇرۇپ، ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

خادانىڭ ئاچلىق ئېلان قىلغاندىن كېيىنكى سالامەتلىك ئەھۋالى بولسا مەلۇم ئەمەس.