خىتاي دائىرىلىرى موڭغۇل چارۋىچىنى بېسىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن شوپۇرنى سوتقا تارتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

خىتاي دائىرىلىرى دۈشەنبە كۈنى ئىچكى موڭغۇلدىكى مىللىي توقۇنۇشلارنى پەسەيتىش ئۈچۈن، موڭغۇل چارۋىچىنى بېسىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن خىتاي شوپۇرنى سوتقا تارتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۆتكەن ھەپتىدىن بۇيان ئىچكى موڭغۇلدىكى بىر قىسىم شەھەرلەردە خىتاي كۆمۈركان شوپۇرىنىڭ موڭغۇل چارۋىچى مەرگەننى باستۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكىگە قارشى نارازىلىق نامايىشلىرى ئېلىپ بېرىلماقتا ئىدى.

بۇ ھەپتە ئاخىرىدىكى خەۋەرلەردە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بىر قىسىم نامايىشچىلارنى تۇتقۇن قىلغانلىقى ۋە مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى سىرتقا چىقارماي توسۇپ تۇرۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بەزى تور بەتلىرىدە دۈشەنبە كۈنى كۆكخوت شەھىرىدىكى خەلق مەيدانىدا يەنە نامايىش قىلىش چاقىرىقى چىقىرىلغان بولۇپ، بۇ دائىرىلەرنى جىددىيلەشتۈرگەن.

خىتاي دائىرىلىرى نۆۋەتتە ئىچكى موڭغۇلدىكى ئىنتېرنېت ۋە تېلېفون ئالاقىسىنى قاتتىق تەقىب ئاستىغا ئالغان. نامايىش ئەسلى پارتلىغان شىلىنغۇل قاتارلىق ۋىلايەت-شەھەرلەردە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى قاتتىق كۈچەيتىلگەن.