موسكۋادا مىلللەتچىلىككە قارشى خاراكتېردىكى يىغىلىش بولدى

يەكشەنبە كۈنى رۇسىيىنىڭ پايتەختى موسكۋا شەھىرىدىكى پۇشكىن مەيدانى "موسكۋا ھەممە كىشىلەر ئۈچۈن" ناملىق يىغىلىش ھەرىكىتى يۈز بەرگەن بولۇپ، رۇسىيىنىڭ " نوۋوستى" خەۋەرلەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر يىغىلىش ئالدىنقى ھەپتىدە رۇس مىللەتچى ياشلىرىنىڭ كاۋكازلىق، ئوتتۇرا ئاسىيالىق ۋە باشقا رۇس ئەمەس مىللەتلەرنى چەتكە قېقىشنى شوئار قىلغان نامايىشىغا قارشى ئۇيۇشتۇرۇلغان ئىكەن.

يىغىلىشقا قاتناشقانلارنىڭ سانى 1500 ئېشىپ كەتكەن. بىراق، پۇشكىن مەيدانىدىكى يىغىلىشقا قاتناشقانلارنىڭ سانىنىڭ 4000 ئاشقانلىقىمۇ پەرەز قىلىنماقتا.
موسكۋا ھۆكۈمىتى شەھەر خەلقىنى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا چاقىرغان.

يىغىلىشقا قاتناشقان رۇسىيە فېدېراتسىيىنىڭ قەھرىمانى، ئالەم ئۇچقۇچىسى مۇھەممەد تولبايېۋ مۇنداق دېگەن: " رۇسىيىدىكى بارلىق مىللەتلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلىنىشى كېرەك ، چۈنكى بىز ھەممىمىز رۇسىيىلىكلەر".

يازغۇچى مائەرىئېتتا چۇداكوۋا بولسا، زوراۋانلىقلارنى توختىتىشقا چاقىرىق قىلغان. كىنو رېژىسوررى پاۋېل لۇنگىن " ھازىر دۆلەت ناھايىتى قىيىن ئەھۋالدا قالدى، مەقسەت يوق، ئىدىيە يوق، بۇ ئادەملەرنى قىينىماقتا، ياشلارنىڭ كېلەچىكى يوق، مەۋجۇت بولۇۋاتقان مىللەتچىلىك پەقەت ئۈمىدسىزلىكتىن كېلىپ چىققان مىللەتچىلىك" دەپ چۈشەندۈرگەن.

كىنو ئارتىسى ماكسىم ۋىتورگان "بىزگە كەلگەن ئاپەت شۇكى، بىز ھاكىمىيەتنىڭ ئادەملەرنى ئۆزىمىزنىڭ ۋە ياتلار دەپ ئايرىشىغا يول قويدۇق" دەپ ھۆكۈمەتنى تەنقىد قىلغان.

يەكشەنبە كۈنىدىكى بۇ يىغىلىشنىڭ مەقسىتى موسكۋادا، جۈملىدىن رۇسىيىدە باش كۆتۈرگەن رۇس مىللەتچىلىكىگە قارشى تۇرۇش بولۇپ، مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، تاقىرباشلار دەپ ئاتالغان رۇس مىللەتچىلىرى ھەممىلا جايدا كاۋكازلىق ، قارا تەنلىك، ئوتتۇرا ئاسىيالىق، خىتاي ۋە باشقا ئاسىيالىقلارنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان.

" رۇسىيە پەقەت رۇسلار ئۈچۈنلا" دېگەن مىللەتچىلىك لوزۇنكىسى ئاستىدىكى رۇس مىللەتچىلىرىنىڭ ھەرىكىتى رۇسىيە پۇقرالىرىدا، بولۇپمۇ موسكۋالىقلاردا يېڭى مىللىي توقۇنۇش يۈز بېرىپ قېلىشىدىن ئىبارەت خاتىرجەمسىزلىكلەرنى پەيدا قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.