موسكۋا كەڭ كۆلەملىك نامايىش بولدى

24 - دېكابىر كۈنى رۇسىيە پايتەختى موسكۋا كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىش ۋە يىغىلىش بولدى.

رۇسىيە ئاگېنتلىقلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 30 مىڭدىن 120 مىڭغىچە ئادەم قاتناشقان بۇ پائالىيەتنىڭ نامى« راستچىل سايلام ئۈچۈن» دەپ ئاتالغان بولۇپ، ئاساسلىق يىغىلىش ئاكادېمىك ئاندرېي ساخاروف مەيدانىدا بولغان. «نېۋسرۇ» ئۇچۇر تورىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ مەيدانغا تەخمىنەن 80 مىڭ ئادەم توپلانغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.

نارازىلىق پائالىيەتكە ھەر خىل ئۆكتىچى پارتىيە - گۇرۇھلار، ئاممىۋى جەمئىيەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ئەزالىرى قاتناشقان بولۇپ، ئاخىرىدا بۇ قېتىمقى ھەرىكەتنىڭ خۇلاسىسىسى سۈپىتىدە بىرلەشمە قارارنامە ئېلان قىلىنىپ، ئۆتكەن قېتىمقى سايلام ئىنكار قىلىنغان ھەم تەكشۈرۈش تەلەپ قىلىنغان شۇنىڭدەك يەنە مەركىزىي سايلام كومىتېتىنىڭ رەئىسىنى ئىستىپاغا چاقىرغان.

مەزكۇر نامايىش ھەرىكىتىدە «يوقالسۇن پۇتىن» دېگەندەك لوزۇنكىلارمۇ كۆتۈرۈلگەن. بىراق رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى رۇسىيىدە يەنىلا زور ساندىكى پۇقرالارنىڭ پۇتىننى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ قېتىم سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پرېزىدېنتى مىخايىل گورباچېفمۇ نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەر تەرىپىدە بولغان.