موسكۋادىكى ئۇيغۇر بوكس كۇلۇبى

رۇسىيىدە ئۇيغۇرلارنىڭ سانى بەك ئاز، ئەمما ئۇلار ئىچىدىن چىققان ئادەملەر بەك ساز بولسا كېرەك، يېقىندا مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىدا تارقىتىلىدىغان "ئۇيغۇر خەلقى" دەپ ئاتالغان تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بىر پارچە ماقالىدا يېزىلىشىچە، رۇسلار تەرىپىدىن ماخا شېرمەت ياكى مىخائىل شېرمەت دەپ ئاتالغان بىر ئۇيغۇر بوكس چېمپىيونى رۇسىيىدىكى تۇنجى كىكبوكس كۇلۇبىنى قۇرۇپ، يېڭى بىر ئەۋلاد دۇنيا چېمپىيونلىرىنى تەربىيىلەپ يېتىلدۈرگەن.

بۇ ماقالىدە يېزىلىشىچە، ماخا شېرمەت ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ پەرزەنتى ئىكەنلىكىنى دائىم ئېيتىپ يۈرگەن بولۇپ، ئۇ ھېچقاچان ئۇيغۇرلىقىنى ئۇنتۇمىغان. ئۇ ئىلگىرى كېيىن رۇسىيە، ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە چېمپىيون بولغان ھەمدە چېمپىيونلارنى تەربىيىلىگەن ئىكەن.