خىتاي موسكۋادا يۈز بەرگەن پارتلاشتىن كېيىن بېيجىڭ، شاڭخەي شەھەرلىرىدە بىخەتەرلىكنى كۈچەيتتى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2010.03.30
2010.03.30
يەنە بەزى خەۋەرلەردە، دائىرىلەرنىڭ شاڭخەي شەھىرىدە ئۇيغۇرلارغا ياتاق بېرىشنى چەكلىگەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ شاڭخەيدىن قوغلىنىۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تەدبىرنى يېقىندا ئېچىلىدىغان شاڭخەي خەلقئارا يەرمەنكىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ساقلاش ئۈچۈن يولغا قويغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن يەرلىك دائىرىلەر مېھمانخانىلارغا ئۇيغۇرلارغا ياتاق بەرمەسلىك توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقىرىلغانلىقىنى رەت قىلدى.
دۈشەنبە كۈنى موسكۋا يەر ئاستى پويىزىدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 30 دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن، 60 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان ئىدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئەسكەرتىشىچە، بېيجىڭ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فۇ جېڭخۇا "ساقچىلارنىڭ ئاپشاركا ئىتلارنىڭ ياردىمىدە پويىز بېكىتى قاتارلىق جايلاردا چارلاشنى كۈچەيتكەنلىكى، گۇمانلىق كىشىلەرنى توختىتىپ، سوراق قىلىۋاتقانلىقى ۋە تەكشۈرۈۋاتقانلىقى"نى بىلدۈرگەن. شاڭخەي شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ياڭ شيۇڭ شاڭخەي خەلقئارا يەرمەنكىسى مەزگىلىدە بىخەتەرلىك تەدبىرىنى كۈچەيتىپ، رېنتگىن جىھازلىرىنىڭ كۆپەيتىلىدىغانلىقىنى، زىيارەتچىلەرنىڭ نەرسە - كېرەكلىرىنى تەكشۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
خىتاي 2008 - يىلى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئالدى - كەينىدە بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق شەھەرلەردە بىخەتەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ ئۈستىدىن نازارەت ئېلىپ بارغان ئىدى.