مىسىر باش تەپتىشى سابىق پرېزىدېنت مۇبارەكنى سوتلاش بۇيرۇقى چىقاردى

مەلۇم بولۇشىچە، مىسىر باش تەپتىشى مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە، سابىق مىسىر پرېزىدېنتى ھۆسنى مۇبارەكنى سوتلاش بۇيرۇقى چىقارغان.

مىسىر پرېزىدېنتى مۇبارەكنى سوتلاش قارارىنىڭ چىقىرىلىشى، مىسىر ئارمىيىسى ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن، خەلقنىڭ سابىق پرېزىدېنت مۇبارەكنى جازالاش تەلىپىنىڭ بارغانچە كۈچىيىشى سەۋەبلىك ئېلىنغان قارار بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مىسىر ئارمىيىسى ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن بۇيان، مىسىر ئەھۋالىدا دېموكراتىك ئۆزگىرىشنىڭ تولىمۇ ئاستا بولۇۋاتقانلىقىدىن نارازى بولغان زور كۆپچىلىك خەلق ئاممىسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ئۆكتىچىلەر، مىسىردا 2-قېتىملىق ئىنقىلاب ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ھازىرقى مىسىر ئارمىيىسى كونتروللۇقىدىكى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنى ئاگاھلاندۇرغان.

مىسىر ئالىي تەپتىشىنىڭ باياناتچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر مۇبارەك ئۈستىدىن ئەيىبلەش ئېلىپ بېرىلىپ، مۇبارەكنىڭ جىنايىتى بېكىتىلسە، مۇبارەك ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.