'مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى' ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم ئامېرىكىدا تۇنجى قېتىم كۆرسىتىلمەكچى

جورجىيە شتاتى ئاتلانتا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان فىلىم فېستىۋالىغا رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھاياتى پائالىيىتى باش تېما قىلىنغان "مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى" ناملىق ھۆججەتلىك فىلىممۇ قاتناشتۇرۇلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010.04.19

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىم ئاتلانتادا ئېچىلىدىغان فىلىم فېستىۋالىغا قاتنىشىش ئۇچۇن يۈرۈپ كەتتى.

بۇ، "مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى" ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ تۇنجى قېتىم ئامېرىكىدا كۆرسىتىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

فىلىم فېستىۋالىغا ئائىت ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، "مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى" 19 ‏- ئاپرېل كەچقۇرۇن ئاتلانتا شەھىرىدىكى "مىدتوۋن بەدىئىي فىلىملەر كىنوخانىسى"دا قويۇلىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، فېستىۋال تەشكىللىگۈچىلىرى فىلىم كۆرسىتىلىپ بولغاندىن كېيىن رابىيە قادىر خانىم بىلەن سۆھبەت ۋە فىلىم ھەققىدە CNN قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە مەخسۇس زىيارەت ئۇيۇشتۇرۇشقا تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە ئىكەن.

19 - ئاپرېل ئەتىگەندە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئاتلانتا شەھىرىگە يېتىپ كەلدى. ئاتلانتا فىلىم فېستىۋالىغا قويۇلغان بارلىق فىلىملەر مەزكۇر شەھەردىكى مىدتوۋن كىنوخانىسىدا كۆرسىتىلىدىكەن.

"مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى" بۇلتۇر كۈزدە ئاۋسترالىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن مېلبۇرن فىلىم فېستىۋالىغا قۇيۇلغان ۋە رابىيە خانىمنىڭ مەزكۇر فېستىۋالغا تەكلىپ قىلىنىشى ئاۋسترالىيە ‏ - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە سوغۇقچىلىق پەيدا قىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.