'مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى' ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 'تاغ فىلىم فېستىۋالى' دا قويۇلىدۇ

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھايات پائالىيىتى باش تېما قىلىنغان ھۆججەتلىك فىلىم - "مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى" ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان "تاغ فىلىم فېستىۋالى" ناملىق فېستىۋالدا قويۇلىدۇ.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010.05.17

باش شتابى ئامېرىكىنىڭ كولورادو شتاتىنىڭ تەللۇرىد شەھىرىگە جايلاشقان "تاغ فىلىم فېستىۋالى" گۇرۇھى بىر مۇستەقىل فىلىم فېستىۋالى بولۇپ، بۇ يىل 32 - يىلىغا قەدەم قويدى.

فېستىۋال تور بېتىدە كۆرسىتىشىچە، فېستىۋال مۇشۇ ئاينىڭ 28 - كۈنىدىن 31 - كۈنىگىچە 4 كۈن داۋام قىلىدىكەن. "مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى" 28 - ماي ۋە 31 - ماي كۈنلىرى 2 قېتىم كۆرسىتىلىدىكەن.

فېستىۋال تەشكىللىگۈچى كىنو بۇرنس، مەزكۇر فىلىم فېستىۋالىدا پەقەت دۇنيادىكى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ۋەقە ۋە شەخسلەرگە ئائىت ئىشلەنگەن ئەھمىيەتلىك فىلىملەر كۆرسىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

"مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى" ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم، 2009 - يىلى تۇنجى قېتىم ئاۋسترالىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن مېلبۇرن خەلقئارا فىلىم فېستىۋالىغا قويۇلغان ۋە ئاۋسترالىيە - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە سوغۇقچىلىق پەيدا قىلغان ئىدى.

"مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى" يەنە تەيۋەندە ئېلىپ بېرىلغان "گاۋشيۇڭ فىلىم فېستىۋالى" ۋە ئامېرىكىنىڭ ئاتلانتا شەھىرىدە ئېچىلغان فىلىم فېستىۋاللىرىدا قويۇلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.