باش شتابى ئامېرىكىنىڭ كولورادو شتاتىنىڭ تەللۇرىد شەھىرىگە جايلاشقان "تاغ فىلىم فېستىۋالى" گۇرۇھى بىر مۇستەقىل فىلىم فېستىۋالى بولۇپ، بۇ يىل 32 - يىلىغا قەدەم قويدى.
فېستىۋال تور بېتىدە كۆرسىتىشىچە، فېستىۋال مۇشۇ ئاينىڭ 28 - كۈنىدىن 31 - كۈنىگىچە 4 كۈن داۋام قىلىدىكەن. "مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى" 28 - ماي ۋە 31 - ماي كۈنلىرى 2 قېتىم كۆرسىتىلىدىكەن.
فېستىۋال تەشكىللىگۈچى كىنو بۇرنس، مەزكۇر فىلىم فېستىۋالىدا پەقەت دۇنيادىكى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ۋەقە ۋە شەخسلەرگە ئائىت ئىشلەنگەن ئەھمىيەتلىك فىلىملەر كۆرسىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
"مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى" ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم، 2009 - يىلى تۇنجى قېتىم ئاۋسترالىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن مېلبۇرن خەلقئارا فىلىم فېستىۋالىغا قويۇلغان ۋە ئاۋسترالىيە - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە سوغۇقچىلىق پەيدا قىلغان ئىدى.
"مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى" يەنە تەيۋەندە ئېلىپ بېرىلغان "گاۋشيۇڭ فىلىم فېستىۋالى" ۋە ئامېرىكىنىڭ ئاتلانتا شەھىرىدە ئېچىلغان فىلىم فېستىۋاللىرىدا قويۇلغان ئىدى.