'مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى' جاكارتا خەلقئارا فىلىم فېستىۋالىدا قويۇلىدۇ

ھېندونېزىيىنىڭ جاكارتا شەھىرىدە چىقىدىغان 'يەر شارى خەۋەرلىرى' نىڭ 12 ‏- ئاينىڭ 1 ‏- كۈنىدىكى سانىدا بايان قىلىنىشىچە، ھىندونېزىيىدە 12 ‏- ئاينىڭ 4 ‏- كۈنى باشلىنىدىغان خەلقئارا فىلىم فېستىۋالىدا قويۇلىدىغان داڭلىق فىلىملەرنىڭ بىرى، بۇ يىل 7 ‏- ئايدا ئاۋسترالىيىنىڭ مېلبورندا ئېچىلغان خەلقئارا فىلىم فېستىۋالىدا قويۇلغان 'مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى' ناملىق ئۇيغۇر رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ سەرگۈزەشتىلىرى ھەققىدە ئىشلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىم دەپ كۆرسىتىلدى.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، 'مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى'نى مېلبورندا ئېچىلغان فىلىم فېستىۋالىدا قويۇش قارار قىلىنغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى قاتتىق قارشى تۇرغان، شۇ سەۋەبتىن ھەتتا فېستىۋالغا تاللانغان خىتاي فىلىملىرىنى قايتۇرۇپ كەتكەن. ئەمما بۇ قېتىم خىتاينىڭ ھېندونېزىيىدىكى ئەلچىخانىسى تېخىچە بۇنىڭغا قارىتا ئىنكاس قايتۇرمىغان.

جاكارتا فىلىم فېستىۋالىنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلارنىڭ بىرى بولغان نائۋال ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىم جاكارتا خەلقئارا فىلىم فېستىۋالىغا تاللانغان داڭلىق فىلىملەرنىڭ ھەر قانداق بىر ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىيلاشتۇرۇۋېلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدىكەن.