تۈنۈگۈن تەيۋەننىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى جاڭ يىخۇا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبىرى رابىيە خانىمغا ۋىزا بەرمەسلىكنى تەشەببۇس قىلغاندىن كېيىن، تەيۋەندە رابىيە خانىم توغرىسىدا جىدىي مۇنازىرە باشلانغان ئىدى.
جاڭ يىخۇا نىڭ تۈنۈگۈنكى باياناتى، رابىيە خانىم تەيۋەندىكى مەشھۇر ناخشا چولپىنى فرېددىنىڭ، تەيۋەندىكى ھۆكۈمەتكە بېقىنمايدىغان ئاممىۋىي تەشكىلاتلارغا ۋاكالىتەن ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، تەيۋەننى زىيارەت قىلىشقا قوشۇلغاندىن كېيىنلا ئېلان قىلىنىپ، ئۇنىڭدا 'دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تېررورچى تەشكىلاتلار بىلەن مۇناسىۋىتى قويۇق، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىبى تېخىچە ئىنتېرپول (خەلقئارا ساقچى) نىڭ تۇتۇش تىزىملىكىدىكى ئادەم، تەيۋەننىڭ دۆلەت مەنپەئەتىنى ئويلىغاندا، رابىيە قادىرغا ۋىزا بەرمەسلىكنى تەشەببۇس قىلىمەن' دېيىلگەن ئىدى.
تەيۋەندىكى گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ 'مەركەز گېزىتى' ئېلان قىلغان باش ماقالىدىمۇ ' بىز تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىغا قارشى تۇرۇۋاتقاندا، تەيۋەنگە كېلىپ شىنجاڭنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكچى بولغان ھەر قانداق كىشىنىڭ تەيۋەن چېگرىسىدىن كىرىشىگە يول قويۇلمايدۇ' دەپ تەكىتلەنگەن ئىدى.
شۇنىڭدىن كېيىن، تەيۋەندە جىددىي مۇنازىرە قوزغالدى. تەيۋەننىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى قويۇلغان سوئاللارغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن قانۇننى كۆتۈرۈپ چىقىپ، تەيۋەننىڭ كۆچمەن قانۇنىدا 'دۆلەت مەنپەئەتىگە ۋە جەمئىيەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە زىيانلىق كىشىلەر تەيۋەنگە كىرگۈزۈلمەيدۇ' دەپ بەلگىلەنگەن، نۇرغۇن دۆلەت ھازىر رابىيە قادىرغا سەزگۈرلۈك بىلەن مۇئامىلە قىلىۋاتىدۇ، ئەگەر رابىيە قادىرنىڭ تەيۋەنگە كېلىشى شىنجاڭنىڭ مۇستەقىللىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا، بىز ئۇنىڭ تەيۋەنگە كېلىشىنى خالىمايمىز' دېگەن بولسىمۇ، بۇ، يەنىلا تەيۋەندىكى دېموكراتىك پىرىنسىپلارغا توسالغۇ بولالمىدى.