گاۋشيۇڭ كىنو فېستىۋالى 'مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى' نى فېستىۋالدا قويۇدىغانلىقىنى رەسمىي ئېلان قىلدى

تەيۋەن گاۋشيۇڭ كىنو فېستىۋالى ئورۇنلاشتۇرغۇچىلىرى دۈشەنبە كۈنى، رابىيە قادىر خانىم ھەققىدىكى فىلىمنىڭ فېستىۋالىدا قويۇلىدىغانلىقىنى رەسمىي ئېلان قىلدى.

گاۋشيۇڭ كىنو فېستىۋالى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھاياتى پائالىيىتى باش تېما قىلىنغان ھۆججەتلىك فىلىم "مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى" نى فېستىۋالدا قويىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، فېستىۋال خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرىغان ھەمدە خىتاي خاككېرلىرى فېستىۋال تور بېتىگە ۋىرۇس ھۇجۇمى قوزغىغان ئىدى.

بۇ ھەقتە توختالغان فېستىۋال باش تەشكىللىگۈچىسى ليۇ سۈييىڭ، مەزكۇر فېستىۋال مۇستەقىل كىنو فېستىۋالى بولغاچقا كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ئۇلارنى خىتاينىڭ بېسىمىغا بوي بەرمەسلىككە دەۋەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاينىڭ بېسىمى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان جىددىيلىكنى پەسەيتىش ئۈچۈن " مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى" ئۆتكەن ھەپتە گاۋشيۇڭ شەھىرىدىكى بىر كىنو كۇتۇپخانىسىدا قويۇلغان ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر فىلىم ئۆتكەن ھەپتە گاۋشيۇڭدا تۆت قېتىم كۆرسىتىلگەن. فېستىۋال تەشكىللىگۈچىسى ليۇ سۈييىڭ بۇ ھەقتە توختىلىپ، " كىشىلەر بۇ فىلىمگە بەك قىزىقتى ۋە ئۆتكەن ھەپتىدىكى 4 قېتىملىق كۆرسىتىشتە كىشىلەر ئورۇننىڭ قىسلىقىدىن نارازى بولۇشتى" دېدى.

ئۇ يەنە، ئۆتكەن ھەپتە 800 ئادەمنىڭ " مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى" نى كۆرۈشكە مۇۋەپپەق بولغانلىقىنى، ئەمما يەنە نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئورۇن يەتمەي قايتۇرۇۋېتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

"مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى" خىتاينىڭ بېسىمىغا قارىماي ئۆتكەن ئايدا ئاۋسترالىيە مېلبۇرن كىنو فېستىۋالىدا قويۇلغان ۋە تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن ئىدى.