مەزكۇر مۇكاپاتنىڭ "5- ئىيۇل ۋەقەسى" دىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدە تۇرۇشلۇق خىتاي قىسىملىرىغا بېرىلىشى، كۆزەتچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
"تەڭرىتاغ" تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مۇكاپاتنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى رەئىسى نۇر بەكرى ۋە پارتىيە سېكرېتارى جاڭ چۈنشەنلەر بىرلىكتە تارقىتىپ بەرگەن.
نۇر بەكرى خىتاي دۆلەت ئىشلار كابىنېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ بۇ ھەقتىكى بۇيرۇقىنى ئوقۇغان.
جاڭ چۈنشيەن مۇراسىمدا سۆز قىلىپ قوراللىق ساقچى قىسىملىرى تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قىلىدىغان ۋە مۇقىملىق ساقلايدىغان ئاساسىي كۈچ " دېگەن.
كانادادىكى ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر زىيالىيسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق قىسىملىرى " 5- ئىيۇل ۋەقەسى" نى باستۇرۇشتا ھالقىلىق رول ئوينىغان ئىكەن.
ئۇ مۇنداق دېدى: "خىتاي ساقچى ۋە قوراللىق قىسىملىرى 5- ئىيۇلدىكى ئۇيغۇر نامايىشچىلارنى قورال كۈچى بىلەن باستۇردى. مەزكۇر تارماق ئەترەتكە بېرىلگەن مۇكاپاتنى ئەسلى، خىتاي قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنىڭ شۇ خىل ۋەھشىيلىكىگە بېرىلگەن، دەپ قاراشقىمۇ بولىدۇ."