مۇقام ئانسامبىلى دوھادا كونسېرت بېرىشكە باشلىدى

26 ‏ - ئۆكتەبىر كۈنى كەچ قاتار پايتەختى دوھادىكى دۆلەت تىياتىرخانىسىدا ئۇيغۇر مۇقاملىرى سەھنىدە كۆرسىتىلدى. دوھادا ئويۇن كۆرسىتىشكە قاتناشقان ئۆمەك شىنجاڭ مۇقام ئانسامبىلى بولۇپ، مەزكۇر ئۆمەك خىتاي ‏ - ئەرەپ دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى ھەمدە جەمئىيەتنىڭ باشلىقى تۆمۈر داۋامەتنىڭ يېتەكلىشى بىلەن قاتارغا دوستلۇق زىيارىتىگە بارغان.

ئىگىلىنىشىچە، مۇقام ئانسامبىلى يەكشەنبە باشلانغان ناخشا، ئۇسۇل مۇقام كېچىلىكىدە دەسلەپ قاتارنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئەربابلىرى ھەم دېپلوماتىيە قاتارلىق مۇھىم ساھە كىشىلىرىگە ئويۇن كۆرسەتكەن.

بەزى ئۇيغۇر سەنئەتكارلارنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا،يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرى، دۇنياغا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىق ھەم تەرەققىياتىنى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ باي ‏ - باياشات ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، ئۇيغۇر مەدەنىيەت سەنئىتىنى تەشۋىقىي ۋاستە قىلىپ پائال پايدىلىنىۋاتقان بولۇپ، گەرچە سەنئەتكارلار چەتئەللەرگە كۆپ قېتىم ئويۇن كۆرسىتىشكە ئويۇشتۇرۇلغان بولسىمۇ، بارغان جايلاردا ئۇيغۇرلار بىلەن ئالاقىلىشىش، مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا ئۆز ئالدىغا جاۋاب بېرىش، ئىختىيارى پائالىيەت قىلىشتىن قاتتىق چەكلەنگەن، ئېغىر ئىسكەنجىلەر ئىچىدە سەھنىدىن باشقا جايدا ھېچقانداق ئەركىنلىكتىن بەھرىمان بولالمىغان.

بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى شىنجاڭ مۇقام ئانسامبىلى ھەم ناخشا ئۇسۇل ئۆمەكلىرى تۈركىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە، شۋېتسىيە قاتارلىق جايلاردا ئويۇن قويۇشقا كەلگەندە خىتاينىڭ جايلاردىكى ئەلچىخانىلىرى شۇ دۆلەتتىكى ئۇيغۇرلارغا بېلەت سېتىشنىمۇ چەكلىگەن.

2003 - يىلى شىنجاڭ سېرك ئۆمىكى كاناداغا ئويۇن كۆرسەتكىلى چىققاندا، يەتتە نەپەر ئۇيغۇر ئارتىسىنىڭ بىراقلا كانادا ھۆكۈمىتىدىن سىياسىي پاناھلىق تىلەپ قېلىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىم سىياسىتىنى دۇنياغا ئاشكارىلىغان ئىدى.