ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كىم يۇڭ چۈن سۆزىدە جەنۇبىي كورىيىنىڭ چېگرادا ئىنتايىن يېقىن جايلاردا ئۇرۇش مانېۋىرى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ شىمالىي كورىيىگە جەڭ ئېلان قىلىش بولۇپ ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
جەنۇبىي كورىيە ھازىر شىمالنىڭ چېگراسىغا 20 كىلومېتىر كېلىدىغان رايوندا بۇ يىل ئىچىدىكى 48- قېتىملىق شۇنداقلا تارىخىدىكى ئەڭ زور بىر قېتىملىق ھەربىي مانېۋىرىنى ئېلىپ بارماقتا. گەرچە شىمالىي كورىيە تەرەپ ئىلگىرىكى باياناتلىرىدا بۇنى بىر ئىغۋاگەرچىلىك دەپ ئاتىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭغا قايتۇرما زەربە بېرىدىغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان ئىدى.
ئىككى كورىيە ئارىسىدىكى ۋەزىيەت نويابىردا شىمالىي كورىيىنىڭ جەنۇبىي كورىيىنىڭ ئارىلىنى توپقا تۇتۇپ، 4 كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولۇشى بىلەن تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ كەتكەن. جەنۇبىي كورىيە دۆلەت باشلىقى شىمالىي كورىيە ئەگەر ئوخشاش ئەھۋالنى قايتا سادىر قىلسا، جەنۇبىي كورىيىنىڭ بۇنىڭغا رەھىمسىزلەرچە جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
بۈگۈن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىككى كورىيىنى ئۆزىنى بېسىۋېلىشقا، مەسىلىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشقا چاقىردى.