خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چارۋىچىلارنى مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇش سىياسىتى تەنقىدلەندى

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتايدا چارۋىچىلىق ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تىبەت، موڭغۇل، ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مىللەتلەرگە قاراتقان سىياسىتىدە، يايلاقلارنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنى ياخشىلاش ھەم تاغلىق رايونلاردىكى كۆمۈر قاتارلىق كان بايلىقلىرىنى ئېچىشنى باھانە قىلىپ، چارۋىچىلارنى مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرغان ھەم چارۋىچىلارنى كەسىپ ئۆزگەرتىشكە تەشكىللىگەن ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىكى چارۋىچىلىق ئىگىلىكى بىلەن تىرىكچىلىك قىلىدىغان مىللەتلەرگە قاراتقان سىياسىتى رايوندىكى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچراپلا قالماستىن بەلكى ب د ت قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى.

مۇخبىرىمىزنىڭ ھوڭكوڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ گۆش يېمەكلىكلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل خادىمى تۈنۈگۈن خىتايدىكى زىيارىتىنى ئاياغلاشتۇرۇش ئالدىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چارۋىچىلارنىڭ يايلاقلاردا ئەركىن مال بېقىش ھوقۇقىنى تارتىۋېلىپ، چارۋىچىلارنىڭ ئەنئەنىۋى تىرىكچىلىك چەمبىرىكىنى تارايتىپ، يەرلىك مىللەتلەرنىڭ مىللىي ئۆرۈپ- ئادىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى.

ئىگىلىشىمىزچە، يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، دائىرىلەر ھالقىسىمان تەرەققىيات رايونىنى ئېچىش باھانىسىدە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىدىكى تاغ-يايلاقلاردا چارۋا بېقىشنى تىرىكچىلىك ۋاسىتىسى قىلغان ئۇيغۇر، قازاق، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنى ئۆز زېمىنلىرىدىن كۆچۈرۈپ، مۇقىم ئولتۇراق رايونلارغا كۆچۈرگەن. بۇ خىل ئورۇنلاشتۇرۇش رايوندىكى چارۋىچىلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى. ئۆتكەن ئايدا چارۋا بېقىش مەيدانلىرىدىن ئايرىلغان توقسۇن ناھىيىسىدىكى ئۇيغۇرلار خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى جايلاشقان بېيجىڭغىچە بېرىپ، كوللېكتىپ ئەرز قىلغان ئىدى.