شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 24- دېكابىر كۈنى چاقىرىلغان مەزكۇر يىغىنغا ئاپتونوم رايون رەئىسى نۇر بەكرى رىياسەتچىلىك قىلغان بولۇپ، پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشەن سۆز قىلىپ، "بۆلگۈنچىلىككە قارشى قەتئىي تەۋرەنمەي كۈرەش قىلىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە دۆلەتنىڭ ئامانلىقىنى قوغداش" دەپ تەكىتلىگەن. ئۇ سۆزىدە يەنە " راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش بىلەن مۇقىملىقنى ئىككى قوللاپ تۇتۇش ۋە ئىككىلا قول قاتتىق بولۇش، زوراۋانلىققا قارشى تۇتۇپ، قانۇننى تەرغىب قىلىش، تەرتىپنى تەرغىب قىلىش لازىم" دەپ كۆرسەتكەن.
جاڭ چۈنشەن سۆزىدە يەنە "شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىدىكى ئاساسلىق خەتەرنىڭ مىللىي بۆلگۈنچىلىك ئىكەنلىكى" نى تىلغا ئالغان. يىغىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى يېقىنقى ۋاقىت ئىچىدىكى خىزمەت نىشانىنىڭ "ئىككىدىن ساقلىنىش"، يەنى " كەڭ كۆلەملىك ئاممىۋى ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش، ئالاھىدە خەۋپلىك تېررورلۇق ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بېرىشىدىن قەتئىي ساقلىنىش" دەپ كۆرسىتىلگەن.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، مەزكۇر يىغىنغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت، پارتكوم ۋە ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ رەھبەرلىرىدىن باشقا يەنە خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلغان.
مەزكۇر يىغىن ئېچىلغان بۇ كۈنلەردە يەنە ئۇيغۇر ئېلى تەۋەسىدە يۈز كۈنلۈك قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىمۇ تەڭ باشلانغان بولۇپ، ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا ئۈرۈمچىدىكى خان تەڭرى مەسچىتىنىڭ ئىمامى مەھمۇت داموللامنىڭ جىنازا نامىزى ۋە ئۇنى ئاخىرەتلىككە ئۇزىتىشقا ئون مىڭ ئەتراپىدا ئادەمنىڭ قاتنىشىشى ئۈرۈمچى ھۆكۈمەت ۋە ساقچى دائىرىلىرىنى جىددىيلىككە سالغان ئىكەن.