خىتاي ھۆكۈمىتى مۇقىملىقنى تەكىتلەۋاتقان بىر پەيتتە خىتاي ئۆلكىلىرىدە نارازىلىق نامايىشلىرى كۆپەيمەكتە

خىتاي ھۆكۈمىتى «مەركىزى ھۆكۈمەت بىلەن ئىدىيىدە بىرلىككە كېلىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقنى ساقلاش» نى تەكىتلەۋاتقاندا، گۇاڭدۇڭ، شەنشى، خېنەن قاتارلىق ئۆلكىلەردە نەچچە مىڭ كىشىلىك زور كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشلىرى يۈز بەرد

خىتاي ئۆلكە، شەھەرلىرىدە يۈز بەرگەن نارازىلىق نامايىشلىرى، خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدا خەۋەر قىلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان چەتئەل مەتبۇئاتلىرىدا، يېقىندىن بۇيان خىتايدا داۋاملىشىۋاتقان نارازىلىق نامايىشلىرى ھەققىدىكى خەۋەرلەر كۆپلەپ بېرىلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ دۇڭۋەن زاۋۇتىدا ئىش ھەققىنى ئۆستۈرۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىشچىلارنىڭ نارازىلىق نامايىشى 18-ئاپرېلدىن 22-ئاپرېلغىچە ئۈچ كۈن داۋاملاشقان. شەنشىنىڭ شىئەن شەھىرىدە 24-ئاپرېل ئىشسىز قالغان ئىشچىلارنىڭ نەچچە مىڭ كىشىلىك نارازىلىق نامايىشى يۈز بەرگەن.

خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇ نامايىشلار ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى كونترول قىلغاندىن باشقا، ساقچى ھەم قوراللىق قىسىملىرىنى ئەۋەتىپ، ۋەزىيەتنى كونترول قىلىشقا تىرىشقان. رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ نامايىشلارنىڭ ھەممىسىدىلا نامايىشنى تارقىتىۋېتىشكە كەلگەن ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، نۇرغۇن ئادەم تۇتقۇن قىلىنغان.