مەزكۇر يىغىننىڭ خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى " شىنجاڭغا ياردەم بېرىش" پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇيغۇر ئېلىگە خىتاي كادىرلارنى ھەدەپ يۆتكەۋاتقان پەيتلەردە ئېچىلىشى كۆزەتچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
يىغىنغا ئۇيغۇر ئېلىگە يېڭىدىن تەيىنلەنگەن باش سېكرېتار جاڭ چۈشەن خىتاي دۆلەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ۋاڭ يۈپۇلار قاتناشقان.
"تەڭرىتاغ" تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ "شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى" گە ئىختىساسلىقلارنى چىقىرىپ، ياردەم بېرىدىكەن.
خەۋەردە مەزكۇر ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەش ئۈچۈن 2011- يىلىدىن باشلاپ خىتاي ئەمگەك ئىنستىتۇتىدا تەربىيىلەش كۇرسى ئاچىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، تەربىيىلىنىدىغان خادىملارنىڭ قەيەردىن ئېلىپ كېلىدىغانلىقى تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان.
خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى " شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمەت يىغىنى" نى ئاچقاندىن كېيىن، خىتاينىڭ 19 ئۆلكە- شەھەرلىرى ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتمىلىق ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋە ئۇيغۇر ئېلىگە خادىم ئەۋەتىشكە باشلىغان ئىدى.
كانادادىكى نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر زىيالىيسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى ئاتالمىش "شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى" نامىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تەكشۈرگۈچى خادىملارنى ئەۋەتىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نوپۇس كۆچۈرۈشكە بولىدىغان جايلىرى، ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي شىركەتلىرىگە بازار ئېچىش ياكى ئەرزان ئەمگەك كۈچى بازىسى تېپىش ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان.
ئۇ مۇنداق دېدى: " ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىتاي ھۆكۈمەت ئاپپاراتىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، مەزكۇر يىغىندىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ تېخىمۇ كېڭىيىدىغانلىقى ھەمدە ئۇيۇشما ۋەزىيىتىدە ئۆزگۈرۈش بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىۋالغىلى بولىدۇ."
ئۇنىڭ قارىشىچە، خادىم يۆتكەش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ خىزمىتىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىكەن.