ئىلھام توختى، سۆھبەت داۋامىدا مەسئۇل خادىملارغا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، جۈملىدىن كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. ئۇ يەنە، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھەق - ھوقۇقى مەسىلىسى بىلەن ئاخباراتچىلارنىڭ جازالىنىش مەسىلىسى ھەققىدە نۇقتىلىق توختالغان. سۆھبەت داۋامىدا 15 يىل كېسىلگەن ژۇرنالىست غەيرەت نىيازنىڭ ئەھۋالىمۇ تىلغا ئېلىنغان.
ئۆتكەن ھەپتە، ياۋروپا بىرلىكىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنىدىكى سودا ئىشلىرى ۋەكىلى، كېلەر ھەپتە ياۋروپادا ئېچىلىدىغان ياۋرۇپا - خىتاي سۆھبىتىدە، ياۋروپا تەرەپنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئالاھىدە چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ ۋەكىل سۆزىدە، خىتايدا ئىقتىساد كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ، كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ بۇنىڭغا ماس ھالدا ئىلگىرىلىيەلمىگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ يەنە، بۇ قېتىمقى يىغىندا خىتاينىڭ قانۇن دۆلىتىدە بولۇشقا تېگىشلىك شەرتلەرنى قايسى دەرىجىدە ئورۇنلىغانلىقى ھەققىدىمۇ سۆھبەت ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.