مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى يەر ماجىراسىنى خەۋەر قىلىشقا بارغان ئىككى مۇخبىرنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىدىن قاتتىق بىئارام بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى كوردىناتورى باب دياز ئەسكەرتىپ، «مۇخبىرلارغا قارىتىلغان زوراۋانلىق ھۇجۇمى يەر مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك نارازىلىق ھەرىكىتىنى خەۋەر قىلىشقا توسقۇنلۇق قىلىشنىڭ قوپال ۋە ئىغۋاگەرچى يولىدۇر. بۇ خىتايدا ئۈزلۈكسىز ئېغىرلىشىۋاتقان مۇھىم مەسىلە» دېگەن.
گوللاندىيە بىلەن فرانسىيىنىڭ شاڭخەيدە تۇرۇشلۇق ئىككى مۇخبىرى چارشەنبە كۈنى جېجياڭنىڭ پەنخې كەنتىگە بېرىپ، يەرلىك دېھقانلار بىلەن يەرلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئارىسىدا يۈز بەرگەن يەر ماجىراسىنى خەۋەر قىلماقچى بولغان. بىراق بۇ ئىككى مۇخبىر ئون نەچچە كىشىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ئېغىر تاياق يېگەن. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مۇخبىرلارنى ئۇرغان بۇ كىشىلەر خىتاي ئامانلىق ئورگىنىنىڭ پۇقراچە كىيىنىۋالغان ساقچىلىرى ئىكەن.
مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى «خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ تەدبىر قوللىنىپ، بۇ خىل لۈكچەكلىك قىلمىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان يەرلىك دائىرىلەرنى دەرھال كونترول قىلىش» ئىنى تەلەپ قىلدى. بىراق خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەزكۇر ۋەقەگە باھا بەرمىگەن.
