خىتاي دائىرىلىرى نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى مۇخبىرىنى خىتايدىن چىقىپ كېتىشكە مەجبۇرلىغانلىقىنى ئىنكار قىلدى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى مۇخبىرىنى خىتايدىن چىقىپ كېتىشكە مەجبۇرلىغانلىقىنى ئىنكار قىلدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىر ئالاقىدار خادىمى بۈگۈن فرانسىيە ئاگېنتلىقىغا بەرگەن جاۋابىدا مۇخبىر كىرىس بۇكلىينىڭ ۋىزىسىنىڭ رەت قىلىنمىغانلىقىنى، پەقەت بەزى ماتېرىياللىرى كەمچىل بولغانلىقتىن ۋاقتىنچە توختىتىپ قويۇلغانلىقىنى ئېيتقان. ئەمما مۇخبىرنىڭ، كىرىس بۇكلىينىڭ قانداق ماتېرىياللىرى كەمچىل ئىكەن دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرەلمىگەن.

ئامېرىكىدا چىقىدىغان نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ 10 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى خىتايدا تۇرۇۋاتقان مۇخبىرى كىرىس بۇكلىي 2012-يىلى ئىچىدە مۇخبىرلىق ۋىزىسىنى يېڭىلاش ئۈچۈن بىر قانچە قېتىم خىتاي دائىرىلىرىگە ئىلتىماس سۇنغان بولسىمۇ، جاۋاب ئالالمىغان ۋە نەتىجىدە دۈشەنبە كۈنى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن «ۋىزىسى يېڭىلانمىغان» دېگەن سەۋەب بىلەن خىتايدىن قوغلاپ چىقىرىلغان ئىدى.

خىتايدا تۇرۇشلۇق چەتئەللىك مۇخبىرلار كۇلۇبى بۈگۈن بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، كىرىس بۇكلىيگە ۋىزا بېرىلمەسلىكى، تەبىئىي ھالدا خىتاي دائىرىلىرى بۇ ئارقىلىق نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتىنى جازالىماقچى بولۇۋاتامدۇ دېگەن سوئالنى پەيدا قىلىدۇ، دېدى ۋە بۇ ئەھۋالدىن ئىنتايىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى بۇندىن ئىككى ئاي ئىلگىرى خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭ 7. 2 مىليارد دوللار قىممىتىدە ئائىلە بىساتى بارلىقىنى ئاشكارىلاپ بىر ماقالە ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خىتاي تور قوللانغۇچىلىرى ئارىسىدا كومپارتىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ چىرىكلىكى ھەققىدە زور غۇلغۇلا پەيدا بولغان ئىدى.