دوكلاتتا 2012-يىلى بىر يىل ئىچىدە خىتايدا يۈز بەرگەن ۋاڭ لىجۈن ۋەقەسى، بو شىلەي ۋەقەسى، خىتاينىڭ ياپونىيە قاتارلىق قوشنا دۆلەتلىرى بىلەن داۋاملىشىۋاتقان ئاراللار ۋە دېڭىز تەۋەلىكى مەسىلىسىدىكى تالاش-تارتىشلار، يېقىندا يۈز بەرگەن خىتاينىڭ مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى شى جىڭپىڭنىڭ تۇيۇقسىز غايىب بولۇشى قاتارلىق مەسىلىلەردە ئۇچۇرلارنى قامال قىلىش، بۇ ھەقتە سوئال سورىغان مۇخبىرلارغا قوپال مۇئامىلىدە بولۇش ھەتتا مۇخبىرلارنى ساقچىلار ئارقىلىق تۇتقۇن قىلىش، مۇخبىرلارنىڭ زىيارەت جەريانىدا تاياق يېيىشى قاتارلىق ۋەقەلەر مىسالغا ئېلىنىپ، 2012-يىلى خىتايدا ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىشى كۈچىيىپ، خىتايدا مۇخبىرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ھەتتا ھاياتى تەھدىتكە ئۇچراش ئەھۋاللىرىنىڭ ئېغىرلىشىۋاتقانلىقى تەنقىد قىلىندى.
دوكلاتتا يەنە، خىتاينىڭ كېيىنكى نۆۋەتلىك يېڭى رەھبەرلىك گۇرۇھىغا بولغان تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن خىتايدا نۆۋەتتە داۋاملىشىۋاتقان، ئاخبارات ئەركىنلىكى چەكلىمىلىرىنى بىكار قىلىپ، مۇخبىرلارنىڭ ئۇچۇر ئىگىلەش ئەركىنلىكى ۋە ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش تەلەپ قىلىندى.