ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گۇ كەيلەي دېلوسى ۋە ئۇنىڭ بۈگۈن ئېلىپ بېرىلغان سوتى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ھەممىسى پەقەت بىرلا ئورۇننى يەنى، شىنخۇا ئاگېنتلىقىنى مەنبە قىلغان بولۇپ، باشقا ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ ھېچقايسىسىغا ئۆز ئالدىغا بۇ ھەقتە ئۇچۇر ئىگىلەش ياكى يېزىش رۇخسەت قىلىنمىغان.
بۇنىڭدىن سىرت، خىتاي تەشۋىقات بۆلۈمى 7-ئاۋغۇست كۈنى مەخسۇس يوليورۇق چۈشۈرۈپ، خىتاينىڭ بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىكتىن چېكىندۈرۈلگەن يېنىك ئاتلېتىكا تەنھەرىكەتچىسى ليۇشاڭ ھەققىدە ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ خەۋەر تارقىتىشىنى، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۇلاھىزە قىلىشىنى چەكلىگەن.
خەلقئارا مۇخبىرلار بىرلىكى مانا بۇ يوليورۇق، خىتاي تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ئاخباراتنى قانداق كونترول قىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلاپ تۇرماقتا دېدى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئاخباراتقا قاراتقان قامالنى بىكار قىلىشقا چاقىردى.