تەشكىلات دوكلاتىدا : 2011 - يىلى خىتايدىكى ئاخبارات ئەركىنلىكى كۆرۈنەرلىك چېكىندى، دەپ ئوتتۇرىغا قويدى.
دوكلاتتا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: ئوتتۇرا شەرت ۋە شىمالىي ئافرىقىدىكى «ياسىمەن ئىنقىلابى» نىڭ ھىدى خىتايغا يەتكەندە مەركىزىي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئاخباراتقا قارىتىلغان چەكلىمىلەرنى كۈچەيتتى ۋە مۇخبىرلارغا تەھدىت سېلىش دەرىجىسىنى ئاشۇردى.
ئالدىنقى كۈنى ئەركىنلىك سارىيىمۇ 2011 - يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ ئوخشاش مەسىلىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنىڭمۇ ناچارلىشىپ بارغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.