بۈگۈن ياۋروپا بىرلىكىمۇ بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ خىتايدا ئەركىن ۋە بىخەتەر ھالدا مۇخبىرلىق قىلىش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا ۋە كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىردى.
ئىنتېرنېتتىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسەن، ياسىمەن نامايىشىنى خەۋەر قىلىش ئۈچۈن، يەكشەنبە كۈنى بېيجىڭنىڭ ۋاڭفۇجىڭ كوچىسىغا توپلانغان مۇخبىرلار بېيجىڭ ساقچىلىرىنىڭ قوپاللىقلىرىغا دۇچ كەلگەن. ساقچىلار مۇخبىرلارنى تارقاپ كېتىشكە بۇيرۇغان، مۇخبىرلار بولسا، نامايىشچىلارنىڭ توپلىنىشىنى كۈتۈپ تارقىلىشنى رەت قىلغان.
بۇ جەرياندا، ب ب س مۇخبىرى بىلەن بلومبەرگ گېزىتىنىڭ مۇخبىرى پۇقراچە كىيىنگەن 5-6 كىشىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ۋە ئاپپاراتلىرى تارتىۋېلىنغان. ئارقىدىن ساقچىلار كېلىپ بۇ ئىككى مۇخبىرنى ساقچى پونكىتىغا ئاپىرىپ سوراق قىلغان. گەرچە سوراقتىن كېيىن مۇخبىرلار قويۇۋېتىلگەن ۋە ئاپپاراتلىرى قايتۇرۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، بۇ ۋەقە ئامېرىكا ۋە غەرب جامائەتچىلىكىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى.
خىتاينىڭ بۈگۈنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، بۇ ھەقتىكى سوئالغا جاۋاب بەرگەن خىتاي باياناتچى، مۇخبىرلارنىڭ خىزمەت داۋامىدا قاتناشنى توسۇۋالماسلىقىنى، رۇخسەت قىلىنغان جايلاردا مۇخبىرلىق قىلىشى كېرەكلىكىنى ۋە قىسقىسى خىتاينىڭ قانۇن- تۈزۈملىرىگە بويسۇنۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە قوپال مۇئامىلىگە ئۇچرىغان مۇخبىرنىڭ داۋا ئاچقانلىقىنى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ قاراۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.