تەڭرىتاغ مۇز قاتلىمى ئۈرۈمچى، تۇرپان قاتارلىق جايلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەيدىغان ئاساسلىق سۇ مەنبەسى. خەلقئارا پۈتۈشمە تاغ تەرەققىيات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى دەيۋىد مولدېن، ئىقلىم ئۆزگىرىشىدىن قالسا، قارا كاربون، مۇز قاتلىمىنىڭ ئېرىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان ئاساسلىق ئامىل، دەپ كۆرسەتكەن.
قارا كاربون چاڭ -توزان ۋە تولۇق كۆيۈپ بولمىغان كۆمۈر كۇكۇندىلىرىنى كۆرسىتىدۇ. خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيىسىگە قاراشلىق تەڭرىتاغ مۇز قاتلىمىنى كۆزىتىش پونكىتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، يېقىنقى 30 يىلدىن بۇيان تەڭرىتاغ مۇز قاتلىمىنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردا كۆمۈر ئېلېكتر ئىستانسىسى ۋە بەزى قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتلار قورۇلغان.
مۇتەخەسسىسلەر مەزكۇر ئېلېكتر ئىستانسىسى ۋە زاۋۇتلار قويۇپ بەرگەن چاڭ-توزان ۋە كۆمۈر كۇكۇندىلىرىنىڭ مۇزغا قونۇپ، قۇياش نۇرىنىڭ تەپتىدە مۇز قاتلىمىنى تېز ئېرىشكە باشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تەڭرىتاغ مۇزلۇقىنى كۆزىتىش پونكىتىنىڭ خادىمى لى جۇڭچىن، تەڭرىتاغ 1-نومۇرلۇق مۇز قاتلىمىنىڭ ھەر يىلى 4 مېتىردىن ئارتۇق كىچىكلەپ مېڭىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇز قاتلىمى يېقىنقى 52 يىلدا 15 مېتىر نېپىزلىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.
تەڭرىتاغ 1-نومۇرلۇق مۇز قاتلىمى ئۈرۈمچى شەھىرىگە 120 كىلومېتىر كېلىدىغان دۇنيادىكى شەھەرگە ئەڭ يېقىن مۇزلۇقتۇر. 1-نومۇرلۇق تەڭرىتاغ مۇزلۇقى ئۈرۈمچى دەرياسىنىڭ كېلىش مەنبەسى بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەر يەنە، تەڭرىتاغ مۇزلۇقىنىڭ ئەتراپىدىكى زاۋۇت ئەسلىھەلەرنىڭ ئۈرۈمچىنى تەمىنلەيدىغان سۇنى بۇلغاۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، تەڭرىتاغ 1-نومۇرلۇق مۇزلۇقى يەنە ساياھەتچىلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرىغان. گەرچە دائىرىلەر 2006-يىلدىن باشلاپ مۇزلۇققا ساياھەت قىلىشنى چەكلىگەن بولسىمۇ، بىراق ساياھەتچىلەرنى ئۈنۈملۈك توسۇپ بولالمىغان.