يېقىنقى مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، تىنچلىق يولىدىن ئۈمىدسىزلەنگەن بىر تۇركۈم نامايىشچىلار قوراللىق قارشىلىق ئۈچۈن تەييارلىققا ئۆتكەن ۋە بەزى جايلاردا قوراللىق گۇرۇپپىلارمۇ شەكىللەنگەن. سۈرىيە ھۆكۈمىتى مەزكۇر گۇرۇپپىلارنى تېررورچى دەپ ئەيىبلەپ، باستۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەن.
ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، سۈرىيە ئارمىيىسى بۈگۈن راستان شەھىرىدە ئاتالمىش تېررورچىلارغا قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بارغاندا قوراللىق قارشىلىققا دۇچ كېلىپ 7 نەپەر ئەسكەر ئۆلگەن.
سۈرىيە ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ئامېرىكىنى سۆرىيىدىكى نامايىشچىلارنى زوراۋانلىققا كۈشكۈرتۈۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلىمەكتە.
ئامېرىكىنىڭ سۈرىيىدىكى باش ئەلچىسى روبېرت فورت تۈنۈگۈن نامايىشچىلارنىڭ مۆتىدىل يولدىكى رەھبىرى ھاسان ئابدىلئەزىم بىلەن كۆرۈشۈشكە كېتىۋاتقاندا، كوچىدا بىر تۈركۈم ھۆكۈمەت تەراپدارى كىشىلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان.
ھۇجۇمدا باش ئەلچىنىڭ ئاپتوموبىلىغا تاش ۋە پەمىدۇرلار ئېتىلغان. ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشى سۈرىيىگە قوللىنىدىغان جازا لايىھىسى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ پۇرسەتتە، سۈرىيىدىكى بىر تۈركۈم ئۆكتىچىلەر، سۈرىيىدىكى ۋەقەگە تاشقى كۈچلەرنىڭ ھازىرچە ئارىلىشىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
لىۋىيىدىكى ئۆكتىچىلەرمۇ دەسلەپكى مەزگىلدە تاشقى كۈچنىڭ ئارىلىشىشىنى رەت قىلغان، ئاخىرىدا ناتو قىسىملىرىنىڭ ياردىمى بىلەن ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغان ئىدى.